Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېين گېزىتى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى <رېين سىياسىي، سودا ۋە سانائەت گېزىتى>. گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتلىرىنىڭ گېزىتى. 2184-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كيۇلىندا چىقىرىلغان. دەسلەپ رېين ئۆلكىسىدىكى بۇرژۇئا لىبېراللىرى ئۇنى گېرمانىيە سودا - سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى قوللاش مەقسىتىدە چىقارغان. كېيىن بۇ گېزىتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بۇرژۇئا رادىكاللىرى ئىگىلەپ، ئۇنى پرۇسسىيە مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى خاھىشقا ئىگە قىلغان. 4-ئايدىن باشلاپ، ماركس ئۇنىڭغا پات - پات ماقالە يېزىپ تۇرغان. 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ باش مۇھەررىر بولغان، ئېنگېلسمۇ ماقالە يېزىشقا قاتناشقان، ئەكسىيەتچىل پرۇسسىيە روھى، سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي ھالىتىگە كەسكىن زەربە بېرىپ، بۇ گېزىتنى روشەن ئىنقىلابىي دېموكراتىزم خاراكتېرىگە ۋە يېپيېڭى جەڭگىۋار تۈسكە ئىگە قىلغان. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېنزور تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە گېزىتخانا ھەسسىدارىنىڭ ئەكسىيەتچى دائىرىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، 3184-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ماركس باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇ گېزىتنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان