Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەسۋالىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەرم - ھايا، ئار - نومۇسنى يوقاتقان ھالەت.
قورقۇنچاق بار يەردە شەرمەندىلىك بار. قارا بۇنى، نېمىدېگەن شەرمەندىچىلىك بۇ. رەسۋالىق بىلەن ئۆتكەن ئۇزاق ئۆمۈردىن قىسقا بولسىمۇ ھالال ئۆتكەن ئۆمۈر ئەۋزەل. ئويلىمىغان يەردىن ئىش چىقىپ، رەسۋاچىلىققا قاپتۇ. ئوساللىق ئۈمىدسىزلىكتىن چىقىدۇ. ئوسالچىلىق بولمىسۇن دېسەڭ قىلما. قارايۈزلۈك قىلغاننىڭ يۈزى قارا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
رەسۋا ئىش، رەسۋا قىلىق.
رەسۋالىق قىلماق.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغان رەسۋالىقلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا تىل بىرىكتۈرگەنىكەن.