Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەسىم
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قائىدە _ يوسۇن .
مىللىي رەسىم يۇسۇنلىرىمىزنىڭ ياخشىلىرىنى ساقلىشىمىز، راۋاجلاندۇرىشىز لازىم.* رىمغا بارساڭ رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بىرەر نەرسىنىڭ سىزىلغان تەسۋىرى، ئەكس، شەكلى.
رەسىم سىزماق.* قىستۇرما رەسىم.* رەسىملەر كۆرگەزمىسى.
2. بىرەر نەرسىنىڭ فوتو ئاپپاراتىدا چۈشۈرۈلگەن شەكلى، سۈرەت. رەسىمگە چۈشمەك.* رەسىم تارتماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىزىش، يېزىش، سۆرەت؛ رەسىم - ئادەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سىزىق ۋە بوياقلاردىن تۈزۈلگەن ئوبراز ۋە شۇنداقلا فوتو ئاپپاراتتا چۈشۈرۈلگەن ئوبراز.
رەسىم سىزىش چوڭ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. سۈرتسەڭ ئەينەكتىن چاڭنى ھەر نۆۋەت، روشەنرەك كۆرۈنەر ئەينەكتە سۈرەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان تەرتىپ - قائىدە؛ ئۆرپ - ئادەت.
رەسىم بولۇپ قالماق.
قىلمىساڭ گەر بۇنى رەت، قوي بىر كىمگە مۇھەببەت، يۇرتىمىزنىڭ رەسمى شۇ، كەتكۈڭ كەلسە شۇ چاغ كەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سىزىلغان، بېسىلغان ياكى فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق تارتىلغان ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ تەسۋىرى؛ سۈرەت.
رەسىم سىزماق. قىستۇرما رەسىم.