Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەھىمدىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەھىم - شەپقەتنى بىلىدىغان، خەيرخاھلىق قىلىدىغان.
رەھىمدىل ئادەم ھېچنىمىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. كۆڭلى يۇمشاقنىڭ كۆكسى كەڭ. دىلى يۇمشاق دىلىدىن يول تاپىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
رەھىم - شەپقىتى بار، مېھرى - مۇھەببەتلىك.
رەھىمسىز، كۆيۈمسىز، شەپقەتسىز، باغرى تاش، تاش يۈرەك
رەھىم - شەپقىتى يوق، مېھرى - مۇھەببىتى يوق.
رەھىمسىز ئادەمدىن رەھىملىك ئىت ياخشى، رەھىمسىزدىن رەھمەت كۈتمە. رەھىمدىل ئادەم ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ. رەھىمسىز ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا. شەپقەتسىز چىرايلىق بولغۇچە، كۈيۈملۈك سەت بول. كۆيۈمچان كۆيدۈرىدۇ. مېھرىبان مېھرىباندىن تۇغۇلىدۇ. كۆڭلى يۇمشاق كۆڭلەكسىز قالىدۇ. بارى تاشتىن ۋاپا كەلمەس. تاش يۈرەك بالىدىن ئانىنىڭ يۈرىكى زىدە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەھىم + دىل
سۈپەت
بىر كىمگە ئازار بەرمەيدىغان، كىشىگە رەھىم - شەپقەت قىلىشنىلا ئويلايدىغان، شەپقەتلىك.
رەھىمدىل ئادەم. رەھىمدىل كىشى.