Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەھىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەرھەمەتلىك؛ رەھىملىك، رەھىم قىلغۇچى، مېھرىبان؛ مېھرىبان ئاللا:
ئەگەر يەتسە شەھدىن ماڭا بۇ سىتەم،
رەھىم سەن بۇ بەندەڭغە قىلغىل كەرەم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئىلاھا، رەھم ئېتىپ ئەرشى دۇئاسىن مۇستەجاب ئەيلە،
رەھىمى رەھنەما سەنسەن، ماڭا قىل مەغفىرەت ئەرھەم.
ئەرشى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى خاس ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئىچ ئاغرىتىش » ، « شەپقەت قىلىش » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. « قۇرئان كەرىم » دە مۇنداق دېيىلگەن: « . . . سىلەرگە ئاللانىڭ پەزىلى _ مەرھىمىتى بولمىسا ئىدى، چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار » ( 2 _ سۈرىنىڭ 64 _ ئايىتى ). ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئاللا شەپقەتلىك رەھمەت قىلغۇچىدۇر. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتتى. ھەممىگە ئۆز نېسىۋىسى بېرىپ ئۇلارنى تەبىئىي ئىناق قىلدى. ئاللا ئىنساننى يارىتىپ، ئىنساننى ماددىي نېمەتلەر ۋە ئەقىل _ پاراسەت بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئىنسانغا كىتابلارنى نازىل قىلىپ بېرىپ، پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىنساننى توغرا يولغا باشلىدى. ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمى ئىچىدىكى « رەھمان »، « شەپقەتلىك »، « مېھرىبان » دېگەن ئىسىملار ئاللانىڭ ئىنسانغا قىلغان ئىلتىپاتىنى ۋە ئىنساننىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن. مۇسۇلمانلار ئاللانىڭ ئىلتىپاتىنى مەدھىيلەش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشىدا « بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم » ( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ) دەيدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۆزئارا مۇئامىلىدە « ئاللا رەھمەت قىلسۇن » دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مېھىر - شەپقەت، مەرھەمەت، كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق.
رەھىم قىلماق. رەھمى كەلمەك.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رەيىم، رېھىم
رەھىمدىل، رەھىملىك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
رەھىم قىلغۇچى، مېھرىبان، مەرھەمەتلىك. بۇ نام ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. باشقا شەكىللىرى: رەھىمباي، رەھىمجان، رەھىمبەگ، رەھىمخان.