Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىزىقىش
پسىخولوگىيە
ئىندىۋىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىىكىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر خىل شەيئى ياكى ئىشقا نىسبەتەن ئالاھىدە مايىللىق ۋە ئاكىتىپ پوزىتسىيدە بولۇشتىن ئىبارەت. مۇنداق پوزىتسىيە ۋە مايىللىق كىشىنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئېھتىياج قىزىقىشنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. كىشىنىڭ بىلىش پائالىيتىدە ئىپادىلەنگەن قىزىقىش بىلىشكە قىزىقىش دېيىلىدۇ. بۇ كىشلەرنىڭ ئۆگىنىش، پەن - تەتقىقاتى جەھەتتە ئىجابىي قابىلىيىتىنى جارى قىدۇرۇشىدا ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شەيئى ياكى پائالىيەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئېھتىياجىدىن پەيدا بولغان قىزىقىش بىۋاستە قىزىقىش دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل قىزىقىش مەلۇم شەرت ئاستىدا ئۆزئارا ئالمىشىدۇ. لېكىن مۇشۇ ئىككى خىل قىزىقىشنىڭ ياردىمى ئارقىسىدىلا پائالىيەتتە يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بەزىدە تاسادىپىي قىزىقىشمۇ بولىدۇ. بۇ پەقەت پائالىيەت جەريانىدا پەيدا بولۇپ، پائالىيەت ئاياغلىشىش بىلەن يوقايدۇ، بۇ قىسقا ۋاقىتلىق قىزىقىش دېيىلىدۇ،لېكىن ئەگەر داۋاملىق بولۇپ كىشىنىڭ ئىندىۋىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئايلانسا، بەرقارار قىزىقىش بولىدۇ.