Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىزىل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بەدەندە قىزىلسىمان تاشما چىقىدىغان كېسەللىك، بالىلاردا كۆپ بولىدۇ.
چېچەكنىڭ ئېتى يامان، قىزىلنىڭ يېلى (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قانغا ئوخشاش رەڭ، قان رەڭلىك .
قىزىلگۈل. * قىزىل بايراق. * قىزىلمۇچ. * قىزىل گالستۇك تاقىغان بالىلار قاتارلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، كېسەل مىكروبىدىن بولىدۇ.
چېچەكتە چېكىلمىگەن قىزىلدا ئۆلەر.8 چوقۇر دېمەڭلار چېچەكنىڭ ئىزى. چېچەك چېكىش چېچەكتىن ساقلايدۇ. ئىنسانىيەت چېچەك بىلەن قىزىلنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، ئىنسانىيەتنى كېسەل ئازابىدىن ساقلىدى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
چەشلەنگەن بۇغداي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىزىل.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىلىنۇ بىلسە قىزىل يارانۇ بىلسە ياشىل كەزەر _ قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، ياراي دېسە يېشىل كېيەر. يەنى خوتۇنلار ئېرى بىلەن خۇش مۇئامىلىدە بولماقچى بولسا، قىزىل يىپەك كىيىدۇ. بۇ ماقال خوتۇنلارنى ئېرىگە دائىم خۇش مۇئامىلىلىك بلۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 512
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىزىل.
قەشقەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريانىڭ نامى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قىزىل سارىغ ئارقاشىپ
يىپكىن ياشىل يۈزكەشىپ
بىر بىر كەرۈ يۆرگەشىپ
يالىڭۇق ئانى تاڭلاشۇر
«قىزىل، سېرىق (چېچەكلەر) بىر - بىرىگە يۆلىنىپ،
يېشىل رەيھانلار كۆتىرىلىپ چىقىپ،
بىر - بىرىگە يۆگىشىپ (تۇرماقتا)،
ئىنسان ئۇنىڭغا تاڭ قالىدۇ.»
قىزىل، سېرىق چېچەكلەر قات - قات ئېچىلىپ، يېشىل رەيھانلار بىر - بىرىگە يۆمىشىپ كەتتى، كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ تاڭقېلىشتى.
1 - 512
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كېسەللىك مىكروبى بالىلارنىڭ بۇرۇن ۋە نەپەس يوللىرىغا كىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپ زۇكامدەك جۇغ - جۇغ ۋە تىترەك بىلەن باشلىنىپ، بىئاراملىق، باش ئاغرىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، ئاندىن قىزىتما ئۆرلەش، ئاۋۋال قۇلاق كەينى ۋە باش ساھەسىگە، ئاندىن گەۋدە ۋە پۇتلارغا قىزىل ئەسۋە چىقىش، بەزىلەردە جۆيلۈش، ھوشىدىن كېتىش، ئاۋاز پۈتۈش، كۆزىدىن ياش ئېقىپ، چاپاق بېسىش، قاپاقلىرى ئىششىش، تەدرىجىي ھالدا ئەسۋىلەر كېپەكلىشىپ سويۇلۇپ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
غۇنچىئۈزۈم 15 گرام، قومۇش يىلتىزى توققۇز گرام، يۇمغاقسۈت يىلتىزى توققۇز گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئارپىبەدىيان 30 گرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم 60 گرام، سۇ بىر چىنە.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى سۇدا قاينىتپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 ~ 40 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
كۆك كىشمىش ئۈزۈم بەش گرام، ئەنجۈر ياكى ئەنجۈر قېقى ئىككى دانە، غۇنچىئۈزۈم ئۈچ گرام، چىلان ئۈچ دانە، شېكەر 12 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
دورىلارنى مۇپىق سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ، شەربەت تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قان رەڭگىدىكى، قان رەڭلىك.
قىزىل گالستۇك.
سۈپ. كۆچمە. ئىنقىلابىي؛ سىياسىي ئېڭى يۇقىرى، سىياسىۋىيلىكى كۈچلۈك.
قىزىل قوشۇن.
ئى <تېب> ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك. بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە يېرىم ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار ناھايىتى ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ.
ئى. باي ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. چەشلەنگەن بۇغداي.