مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسانلار ئىككى جىنىسنىڭ بىرى، بەدىنىدە ئانىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرەلەيدىغىنى.
ئەقىللىق، تەدبىرلىك بولسا گەر ئايال، قولىدىكى يىڭنىسى يا ئوق مىسال. دىل ئارامى ياخشى بولسا گەر خوتۇن، يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. ھەممىلا قىز ياخشى بولسا، يامان خوتۇن نەدىن كەلدى؟ قىزنىڭ رايىنى ياندۇرۇش ئەرنىڭ ئىشى ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇز پۇل - مېلىنى ئىشلىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان، كىشىگە قىلچە نەپ بەرمەيدىغان.
بېخىلنىڭ قازىنىدىكى ئاش - قۇدۇق تۈۋىدىكى تاش. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ئارتۇق. ئېتى ئورۇق دېگۈچە، ئىگىسى پىخسىق دېگىن. خەسىسنىڭ ئۆيى دوزاخ. پىششىق پىشقان ئاشتىنمۇ قىزغىنىدۇ. مومسىق خوتۇننى جەننەتكە كىر دېسە، قوتۇر ئۆچكىسىنى يېتىلەپ ماڭار. . ئۇ شۇنداق پىخسىقكى، ئاسمان ئىسىنى، ئىت يۇندىسىنى كۆرمەيدۇ. ئۇ راسا پىششىق ئالىقىنىنى يالايدىغان ئادەم. پىت ئۈچەي بايدىن قولى كەڭ كەمبەغەل مىڭ ئەۋزەل. ئۇنداق پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان نېمىدىن بىر نېمە چىقارمۇ؟ ئۇ بوۋاي پىتنىڭ ئۈچىيىگە ھېسىپ قۇيىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇنى قوي، ئۇ تاشتىن سۇ چىقىرىدىغان ئادەم. ئۇ ئادەم مۇنداق تۇرغىنى بىلەن تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت سەر ئىچىپ، ئون سەر مەست بولىدىغان گاڭگۇڭلار، تىيننىڭ تۆشۈكىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىدىغان ساختىپەزلەر بار ئىدى. شەھەر خەلقى مۇسانى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان، ئىتقا سۆڭەك بەرمەيدىغان پىخسىق دېيىشىدىكەن.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقىممەت.
قىز نەڭ _ قىممەت نەرسە. بۇ ئات قىز ئالدىم _ بۇ ئاتنى قىممەت ئالدىم.
1 - 426
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچۆرە.
قىز قىرقىن _ چۆرىلەر.
1 - 427
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىمەنىڭ قىزىم _ مېنىڭ قىزىم. ئەۋ قىزى _ ئۆي قىزى. يىنچكە قىز _ بويىغا يەتكەن قىز.
1 - 427
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقىز قۇش _ كۆكتاغاق. ئادەمنىڭ ئۈستىگە قونىدىغاندەك پەس ئۇچىدىغان قۇش.
1 - 427
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى