Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىرىم ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
شەرق ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1853 - 1856- يىللىرىدىكى روسىيە بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە، ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. ئاساسلىق چوڭ مەيدانى قىرىم بولغاچقا قىرىم ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، روسىيە تۈركىيىنى بويسۇندۇرۇپ، قارا دېڭىز بوغۇزىنى تىزگىنلەپ، يېقىن شەرق، بالقانغا چاڭگال سېلىشقا ئۇرۇنپ، ئەنگىلىيە - فرانسىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتە توقۇنۇشۇپ قالغان. 1853 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، روسىيە - تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پراۋوسلاۋىيانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئەسكەر باشلاپ مولداۋىيە ۋە ۋالاخىيىگە بېسىپ كىرگەن. 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۈركىيە روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان ھەمدە دوناي دەرياسى، تاشقى كاپكازدا ھۇجۇمنى قانات يايدۇرغان. 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، روسىيە سىنوپ پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيە فلوتىنى يوقاتقان. ئەنگلىيە - فرانسىيە فلوتى قارا دېڭىزغا كىرىپ ئارىلاشقان ھەمدە 1854 - يىلى 3 - ئاينىڭ 17 - 28 - كۈنلىرى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە بىرلەشمە ئارمىيە قىرىمدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. 1855 - يىى 1 - ئايدا ساردىنىيە ئۇرۇشقا قاتناشقان، 9 - ئايدا بىرلەشمە ئارمىيە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى سېۋاستوپول قورۇلىنى بېسىۋالغان، روسىيە مەغلۇپ بولغان. 1856 - يىلى 3 - ئايدا <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. روسىيەنىڭ يېقىن شەرقىتىكى كېڭەيمىچىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ھەمدە مەملىكەت ئىچىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى كرىزىسى چوڭقۇرلاشقان.