Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇۋۋەتۇل ئىسلام مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى دېھلىدا. بۇ مەسچىتنى دېھلى سۇلتانى قۇتبىدىن ئايبەك (1206 - يىلىدىن 1210 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئۇرۇش غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1192 - يىلى سالدۇرغان. بۇ ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈرك مۇسۇلمانلىرى شىمالىي ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش داۋامىدا سالغان تۇنجى مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستاندا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمكى مەسچىتلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ مەسچىتنى ھىندى دىنى ۋە جائىن دىنىنىڭ چېقىلغان بۇتخانىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرى بىلەن سالغاچقا، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى بىنا ئويمىچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تۈۋرۈكلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇزۇنچاق چاسا سەيناغا تۈۋرۈكلۈك كارىدور ئايلاندۇرۇلغان؛ نامازخانىنىڭ ئالدى قىزىل شېغىللىق زال بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا كەڭلىكى 6.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 16 مېتىر كېلىدىغان ئەگمە دەرۋازا بار. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە كىچىكرەك ئەگمە ئىشىكلەر قويۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسيا مەسچىتلىرىنىڭ بىناكارلىق ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن. تۆت تامغا ئاق قاشتېشىدىن نەقىشلەر قويۇلغان، سۈرە - ئايەتلەر يېزىلغان. بۇ مەسچىت كېيىنكى مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن تەكرار كېڭەيتىلىپ، كۆلىمى تەدرىجىي چوڭايتىلغان. بۇرۇنقى ھىندىستاننىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى تەدرىجىي كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتكەن.