Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇۋۋەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەرخىل كۈچ ھاسىل قىلىدىغان ماددا.
دۆلىتىمىز كېيىنكى 10 يىلدىن بۇيان 270 مىليون توننا ئۆلچەملىك توننا كۆمۈر ئېنېرگىيە تېجىگەن. ھەر 10 مىڭ يۈەن مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە 1980 - يىلى 36.13 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر بولغانىدى. 1990 - يىلى 3.9 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە چۈشكەن. ئېلېكېر قۇۋۋىتى، ئىسسىقلىق قۇۋۋىتى، ھەرىكەت قۇۋۋىتى، ئاتوم قۇۋۋىتى - ھەممىسى ئېنېرگىيە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جانلىق ئورگانىزمنىڭ شۇنىڭدەك ھەرىكەت قىلغۇچى ھەر قانداق جىسىمنىڭ بىرەر جىسمانىي ئىش ياكى ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى؛ كۈچى.
بىلەكنىڭ قۇۋۋىتى. پۇتنىڭ قۇۋۋىتى.
ئېنېرگىيە.
ئېلېكتر قۇۋۋىتى. سۇ قۇۋۋىتى.
<فىز> جىسىمنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قىلغان ئىشى. ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى ۋات، كىلوۋات قاتارلىقلار؛ مېخانىكىلىق ئېنېرگىيىنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى سېكۇنت، كىلوگرام، مېتىر، ئات كۈچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كۆچمە. ماددىي ئىمكانىيەت، بايلىق، قۇرب.
ئۇنىڭ توي قىلىشقا قۇۋۋىتى يەتمەيتتى.
كۆچمە. قابىلىيەت، لاياقەت، بىلىم.
قەلەم قۇۋۋىتى.
كۆچمە. ئوزۇقلۇق قىممىتى.
قۇۋۋىتى بار تاماق