Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇتۇپچانلىق
بىئولوگىيە
ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ياكى ئۇلارنىڭ تەندىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان قىسمىنىڭ ئۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش ھادىسىسى. مەسىلەن، ئۆسۈملۈك قەلەمچىسىنىڭ ئەسلىدىكى تۆۋەن ئۇچىنىڭ يىلتىز چىقىرىشى، ئەسلىدىكى يۇقىرى ئۇچىنىڭ ئۇچ ھاسىل قىلىشى. ئەگەر قەلەمچىنى ئۆرۈپ نەم ھاۋاغا قويسا، يەنىلا ئەسلىدىكى تۆۋەن ئۇچىدىن يىلتىز ئۆسۈپ چىقىدۇ. يەنە مەسىلەن، كېسىپ پارچىلىۋېتىلگەن سازاڭ تېنىنىڭ ھامان ئالدىنقى ئۇچىدىن باش، ئارقا ئۇچىدىن قۇيرۇق، ئۆسۈپ چىقىدۇ. ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم ۋە تۆرەلمىسىدىمۇ قۇتۇپچانلىق بولىدۇ، مەسىلەن، پاقا تۇخۇمىدا، ستوپلازما تۇخۇمىنىڭ بىر ئۇچىغا، تۇخۇم سېرىقى يەنە بىر ئۇچىغا توپلاشقان بولىدۇ، سىتوپلازما توپلاشقان ئۇچىنىڭ مېتابولىزمى كۈچلۈك بولۇپ، ھايۋان قۇتۇپى (animal pole) دەپ ئاتىلىدۇ، تۇخۇم سېرىقى توپلاشقان ئۇچى ئۆسۈملۈك قۇتۇپى (vegetel pole) دەپ ئاتىلىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۆرەلمىسىدە ئېغىز قۇتۇپ ۋە ئېغىزغا قارشى قۇتۇپ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانات تېنىنىڭ ئانا تېنىدىن ئايرىلغان قىسمىنىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق ھادىسىسى.