Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇتەيبەنىڭ شەرققە سەپىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرى خۇراسان ۋالىسى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم ماۋەرائۇننەھر رايونىغا يۈرۈش قىلدى. 705 - يىلى ئەرەب سانغۇنى قۇتەيبە خۇراساننىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ قوشۇن باشلاپ شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ماۋەرائۇننەھر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى. لېكىن بويسۇندۇرغان رايونى شەرقتە كۆكئارتتىن ئاشالمىدى. <تارىخىي تەبەرىيە> دە، قۇتەيبە 714 - يىلى ئاخىرقى بىر قېتىم يىراققا سەپەر قىغاندا قەشقەرنى ئىشغال قىلغان دېيىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچنەرسە يېزىلمىغان. زامانىمىزدىكى ئالىملار بۇنى <بىمەنە گەپ> دەيدۇ.