Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇشلار سىنىپى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپىدىكى بىر سىنىپ. ئۇلارنىڭ بەدىنى ئۇرچۇق شەكلىدە، سىرتى پەي - تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. كەينى پۇتىدا مۈڭگۈز ماددىلىق قاسىراقىق، بارماق ئۇچىدا تىرنىقى بار. تېرىسىدە بەزلىرى يوق. ئالدى پۇتى قاناتقا ئايلانغان بولۇپ، جۈپ بولىدۇ ياكى رۇدىمېنتلىشىپ كەتكەن؛ كەينى پۇتى تۆت بارماقلىق بولۇپ، باشمالتىقى كەينىگە قارىغان، كۆپلىرى ئۇچالايدۇ. سۆڭەكلىرىنىڭ بىرىكىش ھادىسىلىرى بولۇپ، ھاۋا قاچىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئوچۇق شەكىللىك داس سۆڭىكى، يۈرىكىدە ئىككى يۈرەك دالانچىسى (قۇلاقچىسى) ۋە ئىككى يۈرەك قېرىنچىسى بولۇپ، مۇكەممەل قوش قان ئايلىنىشقا كىرىدۇ ۋە تېمپېراتۇرىسى مۇقىم، نەپەسلىنىش ئورگىنى ئۆپكىسىدىن باشقا، يەنە ئۆپكە دىۋارىنىڭ بۆرتۈپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان ھاۋا خالتىسى بولۇپ، ئۆپكىسىنىڭ قوش نەپەسلىنىشىگە ياردەملىشىدۇ. دوۋسىقى بولمايدۇ. قاتتىق شاكاللىق چوڭ تۇخۇم تۇغىدۇ، چۈجىلىرىنى بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە. قۇشلارنىڭ تۈر سانى ناھايىتى كۆپ، ھازىر مەلۇم بولغانلىرى تەخمىنەن 8600 تۈر بولۇپ، ئىككى كەنجى سىنىپقا، يەنى قەدىمكى قۇشلار كەنجى سىنىپى (Archaeornithes) ۋە ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى (Neornithes) قا بۆلۈنگەن. قەدىمكى قۇشلار كەنجى سىنىپى ئاللىقاچان ئۇرۇقى يوقىلىپ كەتكەن تاش قالدۇق تۈرلەر بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تاشقا ئايلانغان بىر نەچچىلا قالدۇقلىرى تېپىلغان. دەسلەپكى بوۋىقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى ئۈچ باش ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ؛ قەدىمكى جاغلىقلار باش ئەترىتى (palaeognathae)، تۈز كۆكرەكلىكلەر باش ئەترىتى (Ratitae) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنا قاناتلىقلار باش ئەترىتى (lmpennes) پىنگۋىنلار باش ئەترىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە ھازىرقى جاغلىقلار باش ئەترىتى (Neognathae) ياكى دۆڭ كۈكرەكلىكلەر باش ئەترىتى (Carinatae) دىن ئىبارەت بولۇپ، ھازىر بار بولغان بارلىق قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.