Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇرۇلۇش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈرلۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان بىنالار ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۈسكۈنە - سايمانلار.
بۇ يىل دېھقانچىلىق رايونلىرىدا دېھقانلار بىرمۇنچە سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇردى. سۇ قۇرۇلۇشى - دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇرۇپ چىقىش، قۇرۇش، بىنا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا باغلىق بولغان ئىشلار.
قوشۇن قۇرۇلۇشى.
<بىن > ئۆي سېلىش، يول ياساش، توما ۋە كۆۋرۈك قۇپۇرۇشقا ئوخشاش ئىشلار، بىناكارلىق.
قۇرۇلۇش ئىشچىسى. قۇرۇلۇش تېخنىكىسى.
<بىن> بىناكارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاي ياكى قۇرۇلۇۋاتقان ئوبيېكت.
قۇرۇلۇش ئورنى.
ئۆي - ئىمارەت، بىنا.
قۇرۇلۇش پۈتمەك.
قۇرۇلما.
جۈملىنىڭ قۇرۇلۇشى.