Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇرۇلتاي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ياكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى.
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى - ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. پارلامېنت بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. ئالىي سوۋېت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ئىدى. چوڭ خورال موڭغۇلىيىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئوگىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۆتمۈشتە موڭغۇل ۋە بەزى تۈركىي خەلقلەردە دۆلەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كاتتا يىغىلىشى، چوڭ يىغىن.
دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئومۇمىي چوڭ يىغىن.