Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇرتئوت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېچىتقۇچى زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى، قۇرتئوتقا ئۇرۇقداش بىرخىل زەمبۇرۇغ بولۇپ، ئۇ
<يازلىقى ئوت، قىشلىقى قۇرت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل زەمبۇرۇغ بىرخىل پىلە قۇرتىغا ئوخشايدىغان يېشىل ھەشقىپىچەك قۇرتىنىڭ تېنىدە
تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ. قۇرت قىشتا توپىنىڭ ئىچىدە ياتقان ۋاقتىدا قۇرت ئوتى زەمبۇرۇغى ئۇنىڭ تېنىگە كىرىپ، قۇرتنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ،
ئەتىياز ۋە يازدا قۇرت ئوتى زەمبۇرۇغى ئۆلگەن قۇرتنىڭ باش قىسمىدىن ئۆسۈپ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ (بەزىلىرىدە ئۆسۈپ چىقمايدۇ). ئۆلگەن
قۇرتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ ~ بەش سانتىمېتىر. خورما رەڭ، كېسىلگەن يۈزى ئاق رەڭلىك بولىدۇ. زەمبۇرۇغنىڭ يەردىن ئۆسۈپ چىققان قىسمى
يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان، ئۇزۇنلۇقى تۆت ~ يەتتە سانتىمېتىر، قېنىق خورما رەڭ، ئۇچى تەرىپى سەل تومراق بولۇپ، پۈتۈن شەكلى خۇددى موي
قەلەمگە ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى قار ئېرىپ، تېخى ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ چىقمىغان ۋاقىتتا
يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا چالا قۇرۇتقاندىن كېيىن سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، تولۇق قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئۆپكە ۋە بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، يىلىكنى تولۇقلاش، قان توختىتىش، بەلغەم
بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام قۇرتئوتقا 20 گرام سوغىگۈل، 15 گرام گۈلسامساق قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىن بولغان يۆتەل، قان تۈكۈرۈش،
قېرىلىقتىن بولىدىغان بەدەن ئاجىزلىقى ۋە دەم سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قۇرتئوتنى 35 گرام كەتىرا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىق، كېسەلدىن كېيىنكى ئاجىزلىق، جىنسىي
ئاجىزلىق ۋە كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 قۇرتئوتنى 35 گرام ئالقات بىلەن بىر كىلوگرام ھاراققا بىر ھەپتە چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گرامدىن ئىچىپ بەرسە،
بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان بەل ئاغرىقى ۋە تىز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قۇرتئوت »قىشتا قۇرت، يازدا ئوت« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ جۇڭگۇ ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق ئەڭ ئەتىۋارلىق قۇۋۋەت دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئوت - چۆپ بولمىغاچقا »قىشتا قۇرت، يازدا زەمبۇرۇغ« دېسە توغرا بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھاشارەت بىلەن زەمبۇرۇغنىڭ بىرىكمە تېنى بولۇپ، خالتىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپى، باشاق مۈڭگۈزى زەمبۇرۇغلىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ.
قۇرتئوت سىچۇەن، يۈننەن، چىڭخەي، شىزاڭ، گۈيجۇ، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كۆپرەك تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئۇ، دېڭىز يۈزىدىن3000 −4000 مېتىر ئېگىز تاغلاردىكى چاتقاللىقلاردا ۋە ئېگىز تاغ چىملىقلىرىدا ئۆسىدۇ. ھەر يىلى يازنىڭ تومۇز پەسلى كەلگەندە ئەسلىدە شەپەرەڭسىمان پەرۋانىنىڭ لىچىنكىسىدا پارازىت ياشاۋاتقان سپورا خالتىلىق زەمبۇرۇغنىڭ سپورىلىرى پىشىپ چېچىلىپ چىقىدۇ. مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا، مۇۋاپىق نەملىك شارائىتىدا بۇ سپورىلار باسقۇچقا بۆلۈنۈپ بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ قىشلىق ئۇيقۇدا ياتقان باشقا لىچىنكا (قۇرت) تېنىگە ئۇزىراپ كىرىدۇ - دە، لىچىنكا ئوزۇقلۇق قىلىپ پارازىتلىق بىلەن ياشاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن لىچىنكا تېنىنىڭ ئىچكى قىسىم تۈزۈلۈشى بۇزۇۋېتىلگەنلىكتىن لىچىنكا ئۆلۈپ بوش قېپىلا قېپقالىدۇ - دە، ئىچىگە زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى تولۇپ كېتىدۇ. قىش كېتىپ باھار كەلگەندە ئۇيقۇدا ياتقان زەمبۇرۇغ تۈگۈنى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلاپ ئۆلۈك لىچىنكىنىڭ باش قىسمىدىن توقماقسىمان بىر سپورا خالتا تەختىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياز كەلگەندە يەر ئۈستىگە ئۆسۈپ چىقىپ بىر تۈپ »قۇرتئوت«قا ئايلىنىدۇ.
قۇرتئوتتىكى قۇرت تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن3 ~5 سانتىمېتىر، توملۇقى5 .0 سانتىمېتىر بولۇپ، سىرتقى قېپى سارغۇچ ئاق ياكى ساپسېرىق رەڭدە بولىدۇ. تېنىدە ھالقا سىزىقچىلىرى بولۇپ، قورساق قىسمىدا سەككىز جۈپ پۇتى بولىدۇ. قۇيرۇقى چۈرۈك بولۇپ ئاسان سۇنىدۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى خۇددى قاتقان پىلە قۇرتىغا ئوخشايدۇ. ئۆسۈپ چىقىدىغان ئۈستۈنكى قىسمى خالتىلىق سپورا تەنچىسى بولۇپ، لىچىنكىنىڭ باش قىسمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن4 ~11 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بىر ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن سېپى بولىدۇ. سېپىدا بىر سىلىندىر شەكىللىك باش قىسمى بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇنلىغان خالتىلىق سپورا قاپلىرى ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەجدادىنى ئەۋلادقا ئۇلاپ داۋاملاشتۇرىدىغان خالتىلىق سپورىلىرى بولىدۇ.
قۇرتئوت ئەزەلدىنلا »ئۈنۈمى مېھرىگىياھقا ئوخشاش« دەپ قارىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە زەمبۇرۇغ تېنى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمى تاتلىق، تەبئىتى ئىسسىققا مايىل بولۇپ، ئۆپكە ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەش، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش، قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە بەل - پۇتلارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى ۋە ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرتئوت تەركىبىدىكى كوردىتسېپىننىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يامراپ ئۆسۈشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بولىدىكەن. گۇاڭجۇلۇقلار قۇرتئوت قوشۇلغان گۆش شورپىسى ۋە ساپ قۇرتئوت شورپىسى قاينىتىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بولمىسا »قۇرتئوتلۇق ئۆردەك« پىشۇرۇپ قىش پەسلىدىكى قۇۋۋەت يېمەكلىكى قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، خالتا سپورىلىق زەمبۇرۇغلار سىنىپى، باشاق مۈڭگۈز ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قۇرتئوت تەڭگىچە قاناتلىقلارنىڭ لىچىنكىسىنىڭ تېنىدە پارازىتلىنىدۇ ۋە قوشۇمچە چىرىندىخورلۇق ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇ زىيان يەتكۈزىدىغان لىچىنكا يەر ئاستىغا كىرگەندىن كېيىن ئۆلىدۇ. قۇرت ئۆلگەندە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. قىش پەسلىدە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى زەمبۇرۇغ شاكىلىغا ئايلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ شاكىلىنىڭ يېتىلىشى بىلەن لىچىنكىنىڭ ئىچىدىكى ئورگانلىرى پارچىلىنىپ كېتىدۇ، بىراق قۇرتنىڭ سىرتقى يۈزى مۇكەممەل ساقلىنىدۇ. زەمبۇرۇغ ئىككىنچى يىلى ئەتىياز پەسلىدە لىچىنكا ئۆلۈكىنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدىن سېپى بولغان سپورا تەختىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ قۇرتئوت دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرتئوت تىبەت، سىچۈەن، خۇبېي، گەنسۇ، چىڭخەي، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇنىڭ قۇرۇتۇلغان قۇرت تېنى ۋە سپورا تەختى دورىغا قوشۇلىدۇ، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، كېيىن ئازراق ئاچچىق، ئۆپكىنى قوغداپ بۆرەككە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ؛ سپېرمىنى تولۇقلاپ يىلىككە پايدا يەتكۈزىدۇ؛ قان توختىتىش، ياللۇغنى قايتۇرۇش، سىل يۆتىلىنى توختىتىش قاتارلىق روللىرى بار. ئاساسەن ئۆپكە توبېركۇليوز، قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش، تەن ئاجىزلىق، يۆتەل، ئېھتىلام بولۇش، كېسەلدىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قۇرت + ئوت
ئىسىم
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغنىڭ بىر خىلى. تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ لىچىنكىلىرىدا پارازىت ياشايدۇ. زىيانغا ئۇچرىغۇچى لىچىنكا قىش پەسلىدە تۇپراق ئىچىگە كىرىۋېلىپ تەدرىجىي ھالدا زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ياز پەسلىدە زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسى ياكى ئۆلۈك قۇرۇتنىڭ تېنىدىن باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىش ئورگىنى ئۆسۈپ چىقىدۇ.