Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇرت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەكلى ئىتقا ئوخشايدىغان يىرتقۇچ ھايۋان، ئۇ دائىم مال - چارۋىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدۇ.
«قارىشقۇ»لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
بۆرىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرەر، خۇيى ئۆزگەرمەس. بۆرىدىن قورققان قوي باقماس. بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان. كۆك يايل قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېس ئىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بوغۇنلۇق ھايۋاناتنىڭ بىر تۈرى. تۈرى كۆپ، بەزىلىرى پايدىلىق (ھەسەل ھەرىسى)، بەزىلىرى زىيانلىق (چىۋىن).
قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر. پايدىلىق ھاشاراتلارنى ئاسىرا. قۇرت - قوڭغۇر پايدىلىق، زىيانلىق دەپ ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. پايدىلىقىنى ساقلاش، زىيانلىقىنى يوقىتىش كېرەك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇت، ھاشارەت.
تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆپچىلىكى شۇنداق دەيدۇ. ئوغۇزلارلا بورىنى « قۇرت» دەيدۇ.
1 - 446
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قۇرت
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ھاشارات ۋە شۇ خىلدىكى كىچىك ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار.
كۆك قۇرت.
بەزى ھاشاراتلار ۋە ئۇششاق ئورگانىزملار نامى تەركىبىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، ئېشەك قۇرتى، شىللىق قۇرت دېگەنگە ئوخشاش.
بەزى ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇمىدىن بارلىققا كېلىدىغان دەسلەپكى ھالىتى.
ئالما قۇرتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بۆرە، چەبدەس، جەسۇر.