Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇللۇق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قۇل - دېدەك ھالەت.
ھۆرلۈك، ئازادلىق، ئەركىنلىك
ئەركىن - ئازاد ھالەت.
ھۆرلۈكنى ھېچكىم ساڭا سوۋغا قىلمايدۇ. مەنىۋى ئازادلىق - ھەممە ئازادلىقنىڭ ئاساسى. ھايات ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت، كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىن - ئازادلىق ئۈچۈن پەقەت. قۇللۇقتا ياشىغاندىن ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلگەن ئەلا. ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك - ئەركسىزلىك. دېدەك قىز دېدەكلىك دەردىنى تارتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قۇل بولغان ھالەت، قۇل بولۇش.
قۇللۇقتىن قۇتۇلماق.
ئى. ئىتائەتمەنلىكىنى، مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەيدىغان تەكەللۇپ سۆزى.
ھىكمەت ئۆزىگە ئۇدۇل قاراپ تۇرغان يىگىتتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ: - قۇللۇق، قۇللۇق ئىنىم! ئاغزىڭىزغا شېكەر، - دەپتۇ.
ئى. مىننەتدارلىق، رازىلىق.
قۇللۇق بىلدۈرمەك.
ئى. ئىتائەتمەنلىك.
قۇللۇق قىلماق.