Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇللارنى قويۇپ بېرىش
دۇنيا تارىخى
يەنى قۇللارنى ئازاد قىلىش. لاتىنچە Liberti، مەنىسى بەلگىلىك ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قۇل دېگەنلىك بولىدۇ. قۇللارنى قويۇپ بېرىش تۈزۈمى قەدىمكى زامان جەمئىيىتىدە خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، شەرقتىكى يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىدا ۋە قەدىمكى يۇناننىڭ بەزى شەھەر - دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەن. بۇ تۈزۈم رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئېمپېرىيە مەزگىلىدە كەڭ ئەۋج ئالغان. رىم قۇللىرى خىزمەت كۆرسەتسە (جەڭدە كۆرسەتكەن خىزمەت، خوجايىنىنى قۇتۇلدۇرۇش، مەخپىي مەلۇمات بېرىش قاتارلىقلار) قويۇپ بېرىلگەن، تۆلەم پۇلى تۆلىسە، گۇماشتا بولسا، مال - مۈلۈككە ئىگە بولسا قويۇپ بېرىلگەن. رەسمىي قويۇپ بېرىش ۋە غەيرىي رەسمىي قويۇپ بېرىش دەپ پەرقلەندۈرۈلگەن. رەسمىي قويۇپ بېرىلگەنلەر ئەركىن ئادەم سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئادەتتە ئەسلىدىكى خوجايىنىدىن ئايرىلالمىغان، قانۇن جەھەتتە كۆپ ھاللاردا ئەسلى خوجايىنى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقىمۇ چەكلىك بولغان، مەسىلەن: مۇنتىزم ئارمىيىدە خىزمەت قىلالماسلىق، ئىمپېراتورنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىدىن باشقا ھاللاردا سىنات ئەزاسى ۋە رىتسار بولالماسلىق قاتارلىقلار؛ قويۇپ بېرىلگەن قۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇنىڭ ۋارىسى بولمىسا، توپلىغان مال - مۈلكى بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ مۇھاپىزەت قىلغۇچىسىغا تەۋە بولغان. غەيرىي رەسمىي قويۇپ بېرىلگەن قۇلنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىغان. قۇللارنى قويۇپ بېرىش تۈزۈمى قۇللۇق جەمئىيىتى گۈللەنگەن دەۋردە قۇللۇق تۈزۈمى تەرەققىياتىنىڭ ۋە قۇللارنىڭ سىنىپىي كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان؛ قۇللۇق جەمئىيىتى زاۋال تاپقان مەزگىلدە، قۇللۇق تۈزۈمى كىرىزىىسنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولغان. قۇللارنى قويۇپ بېرىش ماھىيەتتە يەنىلا قۇللۇق تۈزۈم ئىكىسپىلاتاتسىيىسىنىڭ بىر خىل شەكلى بولغان. رىم قۇللۇق جەمئىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بۇ تۈزۈم ياۋرۇپا فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.