Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىستىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىيىن - قىستاققا ئالماق، قاتتىق ئازابلىماق.
دەرد قىينىغان كىشى دورا ئىزدەر. قىستىغانغا بوي بەرمگەندىلا، يېڭىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىگىلىگەن ئورنىنى تارلاشتۇرۇپ بۇلجۇيالمايدىغان قىلماق؛ تار، قىستاڭ يەرگە سۈرمەك، سىغداپ قويماق.
دۈشمەن ئۇلارنى ئۈچ تەرەپتىن قىستاپ كەلدى.
بوش ئورۇن قويماي بىر - بىرىگە كىرىشتۈرمەك.
ئۇ تارتمىدىن قىستاپ خەت يېزىلغان بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى ئالدى.
مەلۇم بىر ئىش - ھەرىكەتنى قىلىشقا قاتتىق ئۈندىمەك، زورلىماق.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا قىستىدى.
ئالدىراتماق.
- سىز ئۇنى چاپسانراق تويو قىلىشقا قىستايسىز، - دېدى ۋۇشۇبىڭ ئايتىللاغا.
كۆچمە. خىجالەتچىلىكتە قويماق.
- ئۇنداقتا، سىلىنى قىستاپ قويارمەنمىكىن، - دېدى ھەمراھ خىجىل بولۇپ.
كۆچمە. پۇرسەت، ئىمكانىيەت بەرمەي جىددىيلەشتۈرمەك.
ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىشى ئۇنى ئالدىراتماقتا.
شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن كەلگەن سۆزدىن كېيىن كېلىپ، شۇ سۆزدە ئىپادىلەنگەن ئىش - ھەرىكەتنى بېجىرىشكە كۈچلۈك تەلىپى، خاھىشى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۈلكىسى قىستىماق. تەرىتى قىستىماق.