Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىسراق
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇغمىغان بايتال.
ئوغۇزلار ھەر قانداق بايتالنى « قىسراق» دەيدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىز بىرلە كۈرەشمە قىسراق بىرلە يارىشما _ قىز بىلەن چېلىشما، تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما. قىز بىلەن چېلىشما، چۈنكى قىزلار كۈچلۈك كېلىدۇ، سېنى يىقىتىپ قويىدۇ؛ تۇغمىغان بايتال بىلەن چېپىشما، ئۇ ئاتتىن كۈچلۈك ۋە چاپقۇر بولغىنى ئۈچۈن سېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ _ خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرى نىكاھ كېچىسى سۇلتان مەسئۇدنى تىپىپ يىقىتىۋەتكىنى ئۈچۈن خاقانىيىلىكلەرئارىسىدا مەسئۇد توغرىلىق چىقىرىلغان بىر ماقال.
1 - 619