Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىسىرقاندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىزغاندى، قىسىپ تۇتتى.
ئەر تاۋارىن قىسىرقاندى _ ئادەم مېلىنى قىزغاندى، (سەرپ قىلىۋېتىشتىن ئەنسىرەپ) قىسىپ تۇتتى ( قىسىرقانۇر _ قىسىرقانماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئېلتىپ تارىغ قوزمادى
سىچغان تاقى سىقىرقان
كىزلەپ نەلۈك كۈتەرسەن
ئەمدى ئانى قىسىرقان
«ئاشلىقنى توشۇپ قويمىدى،
چاشقان بىلەن تۇلۇم چاشقان،
نېمىسىنى يوشۇراتتىڭ،
ئەمدى ئۇنى قىزغان.»
ئۆز بالا - چاقىسىغىمۇ پىخسىقلىق قىلغان كىشىگە كىنايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يىغقان ئاشلىقىڭنى چاشقان ۋە ھۇدىگەن (تۇلۇم چاشقان) بىر تالمۇ قالدۇرماي توشۇپ بولدى؛ ئەمدى قىسىۋال، ئۇنى بالا - چاقاڭغىمۇ يېدۈرمە.
2 - 382