Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىسمەن زىگوتا
بىئولوگىيە
قىسمەن ئىككى ھەسسىلىك تەنچىگە ئىگە باكتېرىيە زىگوتىسى، يەنى قىسمەن ئىرسىي ماددىسىلا ئىككى ھەسسىلىك تەنچىلىك، قالغان قىسمى تاق ھەسسىلىك تەنچىلىكتىن ئىبارەت. قىسمەن زىگوتىنىڭ تەركىبىدە قوبۇل قىلغۇچى ھۈجەيرىنىڭ بارلىق ئىرسىي ماددىسى ۋە تەمىنلىگۈچى ھۈجەيرىنىڭ قىسمەن ئىرسىي ماددىسى بولىدۇ، مەسىلەن، باكتېرىيىلەر چېتىشقاندا، تەمىنلىگۈچى باكتېرىيىنىڭ قىسمەن خروموسومىسى قوبۇل قىلغۇچى باكتېرىيىگە ئۆتۈش بىلەن قىسمەن زىگوتىنى ھاسىل قىلىدۇ.