Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوزغىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسلىي ئورنىدىن يۆتكىمەك، مىدىرلاتماق، ھەرىكەتلەندۈرمەك.
ھارۋىنى قوزغىماق. ئورنىدىن قوزغىماق.
كۆچمە. بىرەر پائالىيەت ياكى ھەرىكەتكە ئومۇمىي يۈزلۈك سەپەرۋەر قىلماق؛ ئاتلاندۇرماق، ھەرىكەتلەندۈرمەك.
ئۇلار بازار ئىچىدىكى ئىدارە - جەمئىيەت ۋە ئاھالىلەرنى ئۈجمە كۆچىتى تىكىشكە قوزغىدى.
كۆچمە. پەيدا قىلماق، مەيدانغا كەلتۈرمەك؛ تۇغدۇرماق، سادىر قىلماق.
مۇنازىرە قوزغىماق.
كۆچمە. يەنە قايتا يۈز بەرگۈزمەك، سادىر قىلماق، قايتلاتماق، تۇتماق (كېسەل قاتارلىقلار ھەققىدە).
كېسىلىنى قوزغاپ قويماق.
كۆچمە. يېڭىدىن ئەسكە سالماق، يېڭىدىن تىلغا ئالماق، يېڭىدىن ئەسكە سېلىپ ياكى تىلغا ئېلىپ، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلماق، يېڭىلىماق (ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كۆڭۈلسىزلىك ياكى كۆڭۈلسىز مەسىلىلەر ھەققىدە).
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان نۇرغۇن قايغۇلۇق ئەسلىمىلىرىنى قوزغايدۇ.
كۆچمە. ئۆزى تەرەپكە بۇرىماق، تارتماق، قاراتماق (دىققەت - ئېتىبار قاتارلىقلار ھەققىدە).
دىققىتىنى قوزغىماق.