Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوزغىلىش
پسىخولوگىيە
بۇ ھايۋان تېنى ئىچىدىكى مەلۇم توقۇلمىنىڭ ( مەسلەن، نېرۋا، مۇسكۇل ۋە بەز ) تاشقى تەسىرگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭ مۇشۇ توقۇلمىغا خاس پائالىيتى ( نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشى، مۇسكۇلنىڭ قسقىرىشى ۋە بەزنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىشى ) ئىپادىلەنگەن ھالىتىدىن ئىبارەت، بۇ خىل توقۇلما « قوزغىلدىغان توقۇلما » دەپ ئاتىلىدۇ. قوزغىلىشنىڭ بىرلىك ھادىسىسى ھۈجەيرە ئىچىدە بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا ھەر خىل ئالىي دەرىجىلىك قۇزغىلىش ھادىسىلىرى بارلىققا كېلىدۇ. نېرۋا، مۇسكۇللارنىڭ قوزغىلىدىغان ھۈجەيرىسى تەسىرلەنگەندە، پەردە ئىئونلىرىنىڭ ئۆتۈشىدىكى ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، پائالىيەت پوتېنسئالى قوزغىلىشنىڭ ماھىيىتىدۇر. پىسخولوگىيىدە پىسخىك پائالىيەتنىڭ بېرىش ھالىتى ۋە كەيپىيات ھېسىياتلارنىڭ تەسىرلىنىش ھالىتى ( ياكى ھاياجانلىنىش ھالىتى ) مۇ قوزغىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. قوزغىلىشقا قارىمۇ قارشى ھالەت تورمۇزلىنىش دېيىلىدۇ. تورمۇزلىنىش قوزغىلىشنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى بولۇپ، ئۇ ھايۋان ئورگانىزمنىڭ مەلۇم خىلدىكى پائالىيەتىنىڭ توختىشى ياكى ئاجىزلىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى تەڭشەشلىرىنىڭ ھەممىسى قوزغىلىش بىلەن تورمۇزلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاساسىي نېرۋا جەريانىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەسلەن: پۇت - قول مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىراپ ئۆزگىرىشىنى باشقۇرىدىغان مەركەزلەرنىڭ بىرى قوزغىلىش ھالىتىدە بولسا، ئۇنىڭ يېنىدىكىسى تورمۇزلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. پۇت - قول مۇسكۇللىرىنىڭ مۇشۇنداق قىسقىراپ - ئۇزىرىشىنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشى بىلەن ئورگانىزمنىڭ نورمال ھەرىكەت فۇنكىسىيىسى ئىجرا بولىدۇ.