Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوۋۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەتراپى توسۇق جاينىڭ كىرىپ - چىقىشقا ئالاھىدە قالدۇرۇلغان ئوچۇقلۇق.
<ئىشىك> ئومۇمىي نام، ئاساسەن ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دەرۋازا ھويلا - قورۇنىڭ ئىشىكى.
<قاپقا>، <قوۋۇق> شەھەرنىڭ دەرۋازىسى.
<دەرۋەڭ> خوتەن دىئالېكتىدا <ئىشىك>.
<جولوقوق>.
ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ سوراپ كىر. قەدىرلىك مېھمانغا ئىشىك ئوچۇق. ئوغۇل ئوچاققا قارايدۇ، قىز دەرۋازا مارايدۇ. ھەممە قاپقىنى ئەتكىلى بولار، ئۆلۈم قاپقىسىنى ئەتكىلى بولماس. قوۋۇق چىڭ بولسا، شەھەر ئامان بولار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوۋۇق نەڭ _ كاۋاك نەرسە.
1 - 497
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوۋۇق~ كاۋاك.
ھەر قانداقكاۋاك نەرسە. بۇنىڭ « قۇۋۇق» شەكلىمۇ بار.
3 - 225
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس شەھەر سېپىللىرى، ئوردا، چوڭ قورۇ قاتارلىقلارنىڭ دەرۋازىسى، ئىشىك.
قەدىمكى دەۋرلەردە جىنايەتچىنىڭ بوينىغا سالىدىغان تاختاي، شال، تاقاق.