Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوۋى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بەختسىز، تەلەيسىز. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قوۋى ئەر قودۇققا كىرسا يەل ئالىر - بەختسىز كىشى قودۇققا چۈشسىمۇ شامال سوقىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوۋ.
قوۋى يىغاچ _ قۇرۇپ چىرىپ كەتكەن ياغاچ. بەزىدە «و _ ۋاۋ» بىلەن « قوۋى» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ.
3 - 312
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوۋى ئەر _ بىتەلەي، ئامىتى قاچقان ئادەم. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قوۋى ئەر قۇدۇغقا كىرسە يېل ئالىر _ بىتەلەي قۇدۇققا كىرسە، شامال ئېلىپ چىقار، يەنى ئامىتى قاچقان ئادەم قۇدۇققا كىرسىمۇ، شامال ئۇنى چىقىرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشەققەتكە قالىدۇ.
ئارغۇچە.
3 - 312
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەخت
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بوش، ئويۇق، كامار