Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەتنىڭ قۇرۇللىق تەشكىلاتى.
قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى؛ دېڭىز ئارمىيىسى؛ ھاۋا ئارمىيىسى. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 8 - ئارمىيىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغان. قوشۇن خىل، مەمۇرىيەت ئىخچام بولسۇن. مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك 1991 - يىل 8 - ئايدا، مىسىرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ۋە كۇۋەيتتىن بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق قوراللىق قىسىملىرى؛ ساقچى قىسىملىرى. كۆپ دۆلەت قىسىملىرى 1991 - يىل 8 - ئايدا ئىراق، كۇۋەيت چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىشكە باشلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ھەرب> قوراللىق كۈچلەر توپى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمى؛ ئارمىيە
كۆچمە. مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم مەسلەكتىكى كىشىلەرنىڭ تەشكىللىك رەۋىشتە شەكىللەندۈرگەن سېپى، كوللېكتىپى؛ ساھە.
ئىشچى - دېھقانلار قوشۇنى. زىيالىيلار قوشۇنى. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى.