Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشۇمچە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بار، مەۋجۈت نەرسە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇلىدىغان ياكى ئۇلارنى تولدۇرىدىغان.
قوشۇمچە ئەمگەك. قوشۇمچە مەھسۇلات.
ئى. قوشۇلىدىغان، تولۇقلايدىغان نەرسە، ئىش - ھەرىكەت، سۆز ۋە شۇ قاتارلىقلار.
نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالاش ئاساسەن كېسەلنىڭ ئۆزىگىمۇ باغلىق. دورا دېگەن قوشۇمچە.
ئى <تىل> سۆزنىڭ تومۇر ياكى ئۆزەك قىسىمىغا قوشۇلۇپ، تۈرلەش ياكى سۆز ياساش رولىنى ئوينايدىغان ئېلېمېنت.
سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە. سۆز باشلىغۇچى قوشۇمچە.
ئى. ئاساسلىق بولمىغان، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۆلەك، تارماق، ئىش - ھەرىكەت، نەرسە، ھادىسە قاتارلىقلار.
سۇ چىقىرىش تومىسى ئاساس، تەڭشەش تومىسى قوشۇمچە.
ئى. كىتاب، لۇغەت قاتارلىقلاردىكى تېكىستنىڭ ئارقا تەرىپىگە بېرىلىدىغان ۋە تېكىست بىلەن ئالاقىدار بولغان ماقالە ياكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى؛ ئىلاۋە.
رەۋ. ئاساسلىق ئىشنىڭ سىرتىدا، ئىشتىن سىرت.
مال باقىمەن قوشۇمچە، قوتىنىمدا ئىككى ئۇي، ئۇندىن باشقا تۆت ئېشەك، ئىككى ئۆچكە، 30 قوي.