Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشما شتات ساداقەتلىك قانۇنى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ خەلققە قارشى قانۇنى. 1947 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تروممىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇندا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، قوشما شتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىرمىليون 900 مىڭ نەپەر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقى ھەمدە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەم بېرىشى لازىملىقى، ئەگەر سادىق ئەمەسلىكى سېزىلسە، خىزمەتتىن چىقىرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، زور تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار كىشىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.