Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشما شتاتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە، ئېكىنزارلىق قۇلدارلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. قوشما شتات ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق نام ئالغان. 1787 - يىلى قۇرۇلغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھەرىكىتىدە ھامىلتون، جون ئادامىس، جون جاي (1745 - 1829) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا، تەدرىجىي شەكىللەنگەن. بۇ پارتىيە سىياسىي جەھەتتە، قوشما شتات ھۆكۈمتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى قۇۋۋەتلەپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە، مىللىي سانائەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، مالىيە قىيىنچىلىقىنى چەت ئەل كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ تولدۇرۇشقا ئۇرۇنغان؛ شەرقىي قىسىمنىڭ مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىپ، شەرقىي قىسىمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشنى كۆزلەپ، غەربىي قىسىمغا ئاھالە كۆچۈرۈشنى ۋە كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان؛ دۆلەت بانكىسىنى قۇرۇپ، پۇل تۈزۈمىنى تەرتىپكە سالغان، ۋەھاكازالار. دىپلوماتىك سىياسەتتە ئەنگلىيىگە مايىل بولغان. بۇ پارتىيە جون ئادامىس زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، بىر مەھەل راۋاج تاپقان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1820 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە پارچىلىنىپ كەتكەن. بۇ پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ تەكتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.