Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا چۈشەر
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەربۇ، ھەر ئادەم ئۆز ئېتىياجىدىن ئېشىنغۇدەك ۋەجى بولغان ئەھۋالدا پىخسىقلىق قىلماستىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ سالامنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ: - بۇ پۇلنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن بەرسەم، سىلى نېمە قىلىلا! بىزدە «قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونچۇڭغا چۈشەر» دەيدىغان گەپمۇ بارغۇ؟! - دېدى ئۇ ئايالىغا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.