Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېنى
ئاھاڭداش سۆزلەر
سوراق ئالماش:
قەيەردە ؟ نەدە.
_ قاسىم قېنى ؟ _ دەپ سورىدى قاھار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مودال سۆز.
سۆزلىشىشتە تەكلىپ، دەۋەت، تەكىت مەنىلىرىدە قوللىنىدۇ.
قېنى، ئاشقا بېقىڭقلار!
قېنى، كۆتۈرۈۋېتەيلى!
قېنى، پۇلۇڭ بولسا، چىقار!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىستۇرما سۆز: جۈملە ئالدىدا كېلىپ، سۆزلىگۈچىنى سۆزلەپ بېرىشكە، تاماق يېيىشكە، ئىچكۈلۈك ئىچىشكە ئۈندەيدۇ.
_ خوش، يەنە نېمە گەپلەر بار؟ قېنى، سۆزلە، قايسى كۈنى كەلدىڭ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. بىر كىمنىڭ، بىر نەرسىنىڭ نەدە، قەيەردىلىكى ھەققىدىكى سوراقنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
كىتاب قېنى. قەلەم قېنى.
تىر. بۇيرۇق - تەلەپ مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا كېلىپ، تەكلىپ قىلىش، سۈيلەش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
قېنى سۆزلەپ بېقىڭ.
تىر. سوئال جۈملىلەرنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىپ، شۇ سۇئالنىڭ ئەمەلىي جاۋابىنى بىلىش خاھىشىنى بىلدۈرىدۇ ياكى ئاڭلىغۇچىدىن جاۋاب تەلەپ قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ ئىشقا نېمە دەيسەن قېنى؟