Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېلىن پوستلۇق سپورا
بىئولوگىيە
يۈسۈن ۋە زەمبۇرۇغلارنىڭ قېلىن پوستلۇق ھەمدە ھەرىكەتلەنمەيدىغان تىچلانغۇچى سپورىسى. ۋېگېتاتىۋلىق ھۈجەيرىلەر ئىچىدىكى بەزى ھۈجەيرىلەر زور مىقداردا ئوزۇقلۇق توپلاش، پوستىنى قېلىنلاشتۇرۇش ھەمدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق قېلىن پوستلۇق سپورىغا ئايلىنىپ ناچار مۇھىتقا ماسلىشىدۇ، مۇھىت ياخشىلانغاندا بىخلىنىپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدۇ. ئادەتتە بىر ئانا ھۈجەيرىدىن بىر دانە قېلىن پوستلۇق سپورا ھاسىل قىلىدۇ. قېلىن پوستلۇق سپورىنىڭ ھۈجەيرە پوستى ئانا ھۈجەيرىنىڭ پوستى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. مەسىلەن، قاتتىق قاسىراقلىق يۈسۈنلەر؛ سپورا پوستى بىلەن ئانا ھۈجەيرە پوستى ناھايىتى ئېنىق ئايرىلىپ تۇرىغانلارمۇ بار. مەسىلەن، پېدىئاسترون قاتارلىقلار. زەمبۇرۇغلاردا زەمبۇرۇغ يىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياكى ئۇچىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پروتوپلازمىسى قويۇقلىشىدۇ. ھۈجەيرە پوستى قېلىنلىشىپ قېلىن پوستلۇق سپورىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغى، قارا توزان زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار. ئالدىنقىسىنىڭ قېلىن پوستلۇق سپورىسى بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يىپچىسى ياكى ھەرىكەتچان سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ قېلىن پوستلۇق سپورىسى بىخلىنىپ بازىدىيىنى ھاسىل قىلىدۇ.