Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
庆州
دۇنيا تارىخى
گيېئوڭجۇ
چاۋشيەننىڭ سىللا دەۋرىدىكى پايتەختى. گيېئوڭساڭ - بۇگدونىڭ تەۋەلىكىدە. قەدىمكى زاماندا رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ يەردىكى تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا ئالتە كەنت بولۇپ، بۇلاردىن گاۋشۇ دېگەن كەنتنىڭ باشلىقى سوفا گوڭ تېرەكلىك تاغ ئېتىكىدىن بىر چوڭ تۇخۇم تېپىۋاپتۇ، بۇ تۇخۇمدىن پۇخې جۇشى تۇغۇلۇپتۇ، كېيىن پادىشاھ بولۇپ، سىللا دۆلىتىنى قۇرۇپ، گيېئوڭجۇنى پايتەخت قىلىپتۇ. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا سىللا بىلەن تاڭ سۇلالىسى بىرلىشىپ، پېكچى بىلەن كوگۇريونى يوقىتىپ، داتۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر مەزگىل گۈللەنگەن. 935 - يىلى پادىشاھ جىڭشۇنۋاڭ دەۋرىدە كورىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا سىللانىڭ پايتەختى بولغان. كېيىن يەرلىك مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەزگە ئايلىنىپ قالغان. سىللا دەۋرىگە ئائىت بولغان كۆپلىگەن قۇرۇلۇش خارابىلىرى ۋە قەبرىلەر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قۇرۇلۇش خارابىلىرىدىن، ئاي شەھىرى، تاغ شەھىرى، دېڭىز بويى ئوردىسى، سەدەپ تاشلىق شىپاڭ قاتارلىقلار بار. ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاشتىن ياسالغان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىش پەشتىقى دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بۇرۇنقى رەسەتخانا ھېسابلىنىدۇ. يەنە كۆپلىگەن بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىلىرى يادىكارلىقلىرى، ئالايلۇق شىڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، خۇاڭلۇڭ ئىبادەتخانىسى، فېنخۇاڭ ئىبادەتخانىسى ۋە فوگۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن فېنخۇاڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىش مۇنارى، فوگو ئىبادەتخانىسىنىڭ ساكيا قاش مۇنارى ۋە باشقا مۇنارلىرى ھەمدە تاش غار ئىبادەتخانىسىدىكى تانخاگاتا ھەيكىلى، بۇدساتۋا ھەيكىلى ۋە مۇرىتلىرىنىڭ ھەيكىلى قاتارلىقلاردىكى ئوبراز ۋە قاپارتما نەقىشلەر سىللا دەۋرىدىكى مەشھۇر بۇددا دىنىي يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. گيېئوڭجۇنىڭ يېندا تېخى سىللاخان جەمەتى ۋە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قەبرىلىرىدىن پادىشاھ ۋۇلېنىڭ قەبرىسى، پادىشاھ شېڭدې قەبرىسى، گۋا قەبرىسى، پادىشاھ شىڭدې قەبرىسى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ياخشى ساقلانغان، قەبرە ئالدىدىكى ھەرخىل تاش ئويمىلار سىللا ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇن قۇببىلىق قەبرە، خاسىيەتلىك سۇمۇرغلۇق قەبرە، ئالتۇن قۇڭغۇراقلىق قەبرە، تەڭرى تۇلپارلىرى قەبرىسى قاتارلىقلارنى قېزىش ئارقىلىق كۆپلىگەن ئالتۇن ئەسۋاب، مىس ئەسۋاب، سىرلانغان ئەسۋاب، قورال، ساۋۇت - دۇبۇلغا، ئېگەر - جابدۇق، يىپەك بۇيۇملار ۋە ئەينەك، قاچا - قۇچا قاتارلىق بىللە كۆمۈلگەن بۇيۇملار تېپىپ چىقىلغان. بۇلاردىن باشقا، گيېئوڭجۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت خارابىلەر بولۇپ، بۇلاردىن دەسلەپكى مىس قورال دەۋرى مەدەنىيىتىگە ئائىت برونزا خەنجەر، برونزا نەيزە، برونزا يالمان قاتارلىق يادىكارلىقلار قېزىپ چىقىلغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
qìng zhōu
كيوڭجۇ، گيېئوڭجۇ