Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
庆氧微生物
بىئولوگىيە
ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزم
مولېكۇلا ھالەتتىكى ئوكسىگېننى ئېلېكترون ئۆتكۈزۈش زەنجىرىنىڭ ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچىسى قىلماي، بەلكى ئورگانىك ماددا ياكى ئانئورگانىك مادىلارنى ئېلېكترون قوبۇل قىلغۇچى قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملار. ئۇلار بىر قاتار باكتېرىيىلەر بولۇپ، ئوكسىگېن بار شارائىتتا ئۆسمەيدۇ. ئوكسىگېن خالىمايدىغان باكتېرىيىلەر ئوكسىگېن بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئوكسىگېننى قەتئىي خالىمايدىغان باكتېرىيە ۋە ئوكسىگېنگە قەتئىي خالىمايدىغان باكتېرىيە ۋە ئوكسىگېنگە چىداملىق باكتېرىيىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقىسى ئوكسىگېن بولغان شارائىتتا ياشىيالمايدۇ، كېيىنكىسى ئوكسىگېن بولغان شارائىتتا ئۆسمەيدۇ، لېكىن ئۆلۈپ قالمايدۇ، ئۇ ئوكسىگېنگە نىسبەتەن بىر خىل چىداملىق خۇسۇسىيەتنى ھاسىل قىلىدۇ. ئوكسىگېننىڭ ئوكسىگېننى قەتئىي خالىمايدىغان باكتېرىيىگە نىسبەتەن زەھەرلەش رولىنى ئاساسەن ھۈجەيرە ئىچىدىكى پېرئوكسىدلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھالبۇكى ئادەتتىكى ئوكسىگېن خالايدىغان باكتېرىيە بىلەن ئوكسىگېنگە چىداملىق باكتېرىيىلەرنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىدە پېرئوكسىدازا بار بولۇپ، پېرئوكسىدلارنى پارچىلىۋېتىدۇ. بىراق ئوكسىگېنغا چىداملىق باكتېرىيىنىڭ ھۈجەيرىسى ئىچىدە گىدروپېروكسىدازا بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئوكسىگېن بولغان ئورۇندا ئۆسمەيدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ.