Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەتئىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەۋىش: پېئىلنىڭ ئالدىدا كېلىپ، ئۇنى كۈچەيتىدۇ.
ئۆز ئەسەرلىرىدە ياشىغان ئادەم ھەرگىز ئۆلمەيدۇ. ئالىيجاناب پىكىرگە ھەمراھ كىشى ھەرگىز يېتىم قالمايدۇ. نىجاسەتكە پاتقان ئەسلا تازا بولماس. گەر كاسىپ مۇساپىر بولسا يات يۇرتتا، قىيىنچىلىق دېگەننى بىلمەيدۇ ئەسلا. ئەتىرگۈلنىڭ نامىنى يۆتكىسىمۇ، خۇش پۇرىقى زادى كەتمەس. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەم كىتاب ئوقۇمايدىكەن، باشقىلارنى پەقەت چۈشىنەلمەيدۇ. ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىشقا مۇتلەق يول يوق. ئوقۇماي، بىلمەي ياشىماق ھېچ ئەھمىيىتى يوق ياشاش. خەلققە پايدىلىق پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك. يامانلىقنى ئىللا - بىللا بىلمەيمەن، يامانلىقنى ئىللا - بىللا قىلمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سۈپ. ئۆزگەرمەيدىغان، بۇزۇلماس.
بىز ئۇنىڭغا يول قويالمايمىز، سىزيەتكۈزۈپ قويۇڭ. بۇ بىزنىڭ قەتئىي جاۋابىمىز.
سۈپ. قايتۇرۇشقا، رەت قىلىشقا بولمايدىغان ناھايىتى جىددىي.
بىزنىڭ قەتئىي تەلىپىمىز شۇكى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ جامائەتكە ئېلان قىلسۇن!
سۈپ. قايتۇرۇشقا، رەت قىلىشقا بولمايدىغان ناھايىتى جىددىي.
بىزنىڭ قەتئىي تەلىپىمىز شۇكى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىپ جامائەتكە ئېلان قىلسۇن!
سۈپ. مۇستەھكەم، قاتتىق.
- توغرا گەپ، - رايون ساقچىسى ئۇنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدىن تەسىرلەندى.
سۈپ. ھەل قىلغۇچ، كەسكىن.
قەتئىي كۈرەش. قەتئىي جەڭ. مەنئۇنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلدىم.
سۈپ. ئەستايىدىل ھەم جىددىي، كەسكىن قاتتىق.
مەن ئىدارىگە كېلىپ تېخى مۇنچىلىك قەتئىي ئادەمنى ئۇچراتمىغانىدىم. شۇڭا ئىلاجسىز تۇرۇپلا قالدىم.
رەۋ. ھەرگىز، ئەسلا، زادى، زادىلا.
- ھەسەلخان توغرا ئېيتقان، ئۇلارنىڭ ئىش توختىتىش تەشەببۇسىنى قوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ، بەلكى قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.
رەۋ. چوقۇم، شەك - شۈبھىسىز.
مەن ھەممىنى ئويلىدىم، ئاخىرى مەن ئارتۇقچە بولۇپ قالغان بۇ ئۆيدىن قەتئىي كېتىش نىيىتىگە كەلدىم.