Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەسىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوردا، ساراي؛ قورغان:
قەرىدۇن تەختى بىرلە كىسراۋ تاقىن مىننەتىن چەكمەم،
مەجازى شاھلەر قەسرۇ رەۋاقىن مىننەتىن چەكمەم.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىسقا، كەم؛ پاكار، پاكىنەك: قەسىرۇلبەسەر - كالتا نەزەر، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلار، بەگ - خوجاملار تۇرىدىغان ئالىپتە بىنالار.
گۇگۇڭ ئوردىسى: ئاق ئوردا. خاننىڭ ئوردىسى - ھەرىنىڭ ئۇۋىسى. مۇھەببەت ئاددىي ئۆينى ئوردا قىلار. قىزىل ساراي. قىشلىقى قايان باراي، يازلىقى ساراي سالاي. قارشى ئەھلى بىر - بىرىگە قارشىدۇر. <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تە تەسۋىرلەنگەن <داگۇەنيۈن> قەسىرى فېئوداللارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پادىشاھلار، خانلار ياكى فېئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىي.
قەلئە، قورغان
ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي، كاتتا ئۆي، بىنا.
ۋەلى باپكار دىۋە قەسىرىگە قاراپ مېڭىپتۇ.