Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەشقەر ئەما گاس گاچىلار مەكتىپى
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىئالاھىدە مائارىپ
1978 - يىلى 3 - ئايدا ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى قەشقەر شەھىرىدىن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئەسلىدىكى بالىلار پاراۋانلىق ھويلىسىنىڭ ئورنىغا گاس - گاچىلار مەكتىپى قۇرۇپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇتۇش شارائىتى ئىنتايىن ئاددىي ئىدى. 1981 - يىلى مەكتەپ ئورنى شەھەردىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يان بولاق دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلدى. 1984 - يىلى مەكتەپ ھازىرقى ئورۇنغا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلدى. 1985 -يىلى مەكتەپ خەلق ئىشلار تارمىقىدىن مائارىپ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1994 - يىلى مەكتەپنىڭ نامى ئەمالار، گاس - گاچىلار مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئەسلى ئوقۇش مۇددىتى سەككىز يىل بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن سەۋىيىگە يەتتى. 1999 - يىلدىن باشلپ ئوقۇش مۇددىتى توققۇز يىل قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا تەسىس
قىلىندى. مەكتەپتە ياتاقلىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇتىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدۇ. 1999 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 39
نەپەرگە، ئوقۇتۇش سىنىپى 15 نەپەرگە، ئوقۇغۇچىلار 128 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 7992 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى
1080 كۋادرات مېتىر.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.