Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش
دۇنيا تارىخى
英雄与英雄崇拜
yīng xióng yǔ yīng xióng chóng bài
كىتاب ئىسمى. تولۇق ئاتىلشى <قەھرىمان، قەھرىمانغا چوقۇنۇش ۋە تارىختىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا>. ئەنگلىيە تارىخشۇناسى كارلىيلې يازغان ئەسەر، بۇ ئاپتورنىڭ 1840 - يىلى 5 - ئايدا لوندوندا سۆزلىگەن ئالتە قېتىملىق لېكسىيىسىنىڭ توپلىمى بولۇپ، 1841 - يىلى نەشىر قىلىغان. پۈتۈن كىتاب ئالتە لىكسىيىگە بۆلۈنگەن. بىرىنچى لېكسىيىدە شىمالىي ياۋرۇپا ئەپسانىلىرى مىسال قىلىنىپ، <تەڭرى> سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن؛ ئىككىنچى لېكسىيىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مىسال قىلىنىپ، پەيغەمبەر سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن؛ ئۈچىنچى لىكسىيىدە دانتې، شېكىسپىر مىسال قىلىنىپ، شائىر سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن؛ تۆتىنچى لىكسىيدە مارتېن ليوتېر ۋە جون نوكىس مىسال قىلىنىپ، پوپ سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن؛ بەشىنچى لېكسىيىدە جونسون، بېرىنىس ۋە روسسو مىسال قىلىنىپ، يازغۇچى سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن؛ ئالتىنچى لېكسىيدە كرومۋېل، ناپولېئون مىسال قىلىنىپ، ھەربىي باش قوماندان ياكى ھۆكۈمران سۈپىتىدىكى قەھرىمانلار مەدھىيلەنگەن. مەركىزىي نۇقتىسى <قەھرىمانلار بىلەن قارا خەلق> نەزەرىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈش بولۇپ، دۇنيا تارىخى كاتتا شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىنلا ئىبارەت، خەلق ئاممىسى ئەرزىمەس قاغا - قوزغۇنلار توپى، دەپ ھېسابلىغان. بۇنداق قەھرىمانلىق تارىخىي قارىشىنىڭ غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى تەسىرى ناھايىتى زور. بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار.