Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قەھرىمانلىق دەۋرى
دۇنيا تارىخى
英雄时代
yīng xióng shí dài
گومېر دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يىمىرىلگەن دۋرگە يەنى، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. دەسلەپتە مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان بېئوتىيە شائىرى ھىسسئودنىڭ <خىزمەت ۋە ۋاقىت> دېگەن داستانىدا تىلغا ئېلىنغان، داستاندا ئىنسانىيەت تارىخى ئالتۇن دەۋرى، كۈمۈش دەۋرى، برونزا دەۋرى، قەھرىمانلىق دەۋرى، تۆمۈر قوراللار دەۋرى دەپ بەش دەۋرگە بۆلۈنگەن. قەھرىمانلىق دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن <گومېر داستانى> ئاساسەن ئەپسانىلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ جەڭگىۋار ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قەھرىمانلىق دەۋرىمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، <بىرىنچى قەھرىمانلىق دەۋرى> يۇنان ئەپسانىلىرى بىلەن رىۋايەتلەردىكى كادموس، گېراكىل، ئوئېدىپۇس قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ پائالىيەت دەۋرى (مېكىناي دەۋرى)نى كۆرسىتىدۇ؛ <ئىككىنچى قەھرىمانلىق دەۋرى> گومېر دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ دېگۈچىلەرمۇ بار. <گومېر داستانى> ئەكس ئەتتۈرگەن يۇنان جەمئىيىتى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان بولۇپ، يەرگە يەنىلا ئومۇم ئىگىدارلىق قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى بولغان. قول ھۈنەرۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇرۇقداشلىق قەبىلە تۈزۈمى گەرچە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، قۇللۇق تۈزۈمى مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇرۇق ئەزالىرى تەدرىجىي ھالدا ئاقسۆڭەك ۋە ئاددىي خەلق دەپ ئىككى سىنىپقا بۆلۈنگەن. دۆلەت ئاپپاراتلىرى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن بولۇپ، قەبىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. سىنىپىي جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرگىچە تۇنجى تۈركۈم يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن قەھرىمانلىق (گۇمېر) دەۋرى ئاياغلاشقان.