Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەدر بايرىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شىئە مەزھىپىنىڭ ئايىمى بولۇپ، ھىجرىيە 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئايەم قىلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇل ۋىدادىن كېيىن، مەككىدىن مەدىنىگە قايتقىچە، شۇ كۈنى قەدر قۇمدا ئارام ئالغاندا كىشىلەرگە: <مەن كىمنىڭ ساھىبى بولسا، ئەلى شۇنىڭ ساھىبىدۇر> دەپ جاكارلىغان. شىئە مەزھىپى بۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىپ تەيىنلىگەن خىتابنامىسى، دەپ قاراپ، شۇ كۈنى بايرام قىلىپ تەبرىكلىگەن. بۇ ئىش <قەدر قۇم> دا بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇۋەيھىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى مۇئىز ئەددەۋلەھ (945 - يىلىدىن 967 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) مىلادىيە 962 - يىلى باغداتتا بۇ كۈن بىلەن ھۈسەيننىڭ قەتلى قىلىنغان كۈنى (ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) نى دۆلەتنىڭ ئىككى خاتىرە كۈنى قىلىشنى بەلگىلىدى. شىئە مەزھىپى بۇنىڭغا ئەمەل قىلدى. سۈننىي مەزھىپى قارشى تۇردى.