Uyghurئاساسىي لۇغەت
قەدر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدر كېچىشى - رامىزاننىڭ 27 - كېچىسى. خاسىيەتلىك كېچە:
فەيزى ئىشكىن ئاچتىلەر كېچە مەگركى قەدر ئىدى،
خەيلى كەبۇتەرى مەلەك قىلدىلەر ھەر تەرەپ سەلام.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىممەت، باھا؛ ئۇلۇغلۇق، قەدىر - قىممەت، ئېسىللىك؛ ئورۇن، مەرتىۋە، ئەمەل؛ ئېغىرلىق مىقدارى، سان، چوڭ - كىچىكلىك، دەرىجە.
بىئولوگىيە
ئىسلام دىنىدىكى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، تەقدىر، قىسمەت، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاللانىڭ پېشانىگە پۈتكەنلىرى توغرىسىدىكى ئەقىدە يەنى ئىسلام دىنى دۇنيادىكى جىمى شەيئىلەرنى ۋە شەيئىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاللانىڭ ئالدىن بەلگىلىۋەتكەنلىكىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى> 87 - سۈرىنىڭ 3 - ئايىتى(. ئالەمدىكى مەۋجۇداتنى، كىشىلەرنىڭ باي - نامرات بولۇشى، ياخشىلىق - يامانلىق، ئامەت - ئاپەت، تۇغۇلۇش - ئۆلۈش، ھەتتا دۆلەتنىڭ گۈللىنىش ياكى خارابلىشىش قاتارلىقلارنى ئاللانىڭ ئىرادىسى بېكىتىدۇ. <... ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە )يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا( تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز> )36 - سۈرىنىڭ 12 - ئايتىدىن(. قەدر بىلەن <ئىرادە ئەركىنلىكى> نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرە، ئىسلام ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزى مەزھەپلەر <ھەممىنى ئاللا بەلگىلەيدۇ. ئىنسان ھېچنېمە قىلالمايدۇ> دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ. قەدەرىيىلەر ئاللانىڭ ئالدىن پۈتكىنى ئاستىدا، ئىنساندا ئەركىنلىك بولىدۇ، دەپ قاراپ، <تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئادەمدىن ئىش قىلىش> نى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسىلەن: ياخشىلىق ياكى يامانلىقنى ئاللا بەلگىلەيدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان ھەرىكىتىدە ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىشنى ئۆزى تاللىۋالىدۇ. مانا بۇ <ياخشىلىق ياكى يامانلىق تەقدىرگە پۈتۈلگەن بولىدۇ. ياخشىلىق ياكى يامانلىق قىلىش ئەركىن بولىدۇ> دېگەنلىكتۇر. ۋاڭ دەييۈي تەقدىر بىلەن <ئەركىنلىك> نىڭ مۇناسىۋىتىنى دېڭىز بىلەن كېمىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىپ <تەقدىر دېڭىزغا، ئەركىنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ> دېگەن. شۇڭا تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىسلام دىنىدىكى ئالتە ئىماننىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
)1( لەيلەتۇل قەدر. )2( <قۇرئان كەرىم> دىكى 97 - سۈرىنىڭ نامى.