Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاتارلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
باش كېلىشتىكى ئىسىملارغا تىركىلىپ كېلىپ <...دىن ئىبارەت،...دىن تەركىب تاپقان،...گە ئوخشاش> دېگەن مەنىدە: 1( ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ مىسالىنى ياكى ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يىغىنغا بىزنىڭ كافېدرادىن تۇرسۇن قاتارلىق بەش ئوقۇتقۇچى قاتناشتى.
2) بەزىدە ئالماشلىشىپ ئېنىقلانغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىدۇ.
غۇلجا باش شتابتىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئاپتوموبىلى شتابىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توختاپ، مايور مۆمىنوپ قاتارلىقلار شتابقا كىرىپ كەتتى.