Uyghurئاساسىي لۇغەت
قارا قورساق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەت تونۇمايدىغان، خەت - ساۋاتى يوق.
ساۋاتسىزلار ئېلىدە سوتسىيالىزم قۇرغىلى بولمايدۇ. مەن بىر قارىتۈرۈك ئادەم. قارا قورساقتىن قورق. ئۇ قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بىر نېمە. ئېلىپنى تاياق دەيدىغانلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەك تەس. ئېلىپنى (ا) تاياق دېيەلمەيدۇ، ممىنى (م) چوماق. ئوقۇماي، بىلمەي، كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) بىلىمىسز، ساۋاتسىز، نادان، قورسىقىدا ئۇمىچى يوق؛ قارىتۈرۈك: - باشلىق، بىزنى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان قارا قورساق دەپ قالماڭ، - دېدى ئۇ، (2) نىيىتى يامان، كۆڭلى قارا، ۋاپاسىز، يۈرسىز: بەزىلەر قەستەن ئىغۋا تارقىتىپ، بىزنى قارا قورساق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىلىمسىز، ساۋاتىسىز، نادان.
ئۇ قانخور جاللات ئەسلىدە ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى سىپايە - لاتاپەتلىك ۋە تالانتلىق كۆرسىتىشكە ئامراق ئىكەن.