Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاراڭغۇلۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. نۇر، يورۇقلۇق بولمىغان، قاراڭغۇ ھالەت ياكى جاي.
شۇ چاغدا، قاراڭغۇلۇقتىن بىرى<مەن، چوڭ ئاپا>دېدى.
تاڭ سەھەر قاراڭغۇلۇقى كەتمەستىنلا ئېتىز يوللىرى قىغ يۆتكەۋاتقان ئەزالار بىلەن تولدى.
سۈپ. يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن بەزى كىشىلىك ئالماشلارغا بېقىنىپ كېلىپ <ئېنىق ئەمەس، مۈجمەل، گۇمانىي، گۇمانلىق> دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
ناھىيىدىكىلەر بۇ ئىشتىن قانداقسىگە خەۋەر تاپتىكىن تاڭەي، ئۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇلۇق.
ئى. كۆچمە. غەشلىك؛ تەشۋىش، غەم؛ غەپلەت؛ زۇلمەت؛ ۋەھىمە.
- ماڭا قاراڭلار ئانىسى، - دەيتتى مۆمىن ئاكا ھەمراخانغا يېلىنىپ، - بارسۇن، بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا ئوقۇۋالسۇن! يۇرت كۆرۈپ، شەھەر كۆرۈپ كۆزى ئېچىلسۇن! بىزدەك نادان بولۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن!