Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاراڭغۇغا ماسلىشىش
پسىخولوگىيە
( ياكى قاراڭغۇغا كۆنۈكۈش ) يورۇق جايدىن بىردىنلا قاراڭغۇ جايغا كىرىپ قالساق، دەرھال نەرسىلەرنى پەرق ئېتەلمەي قالىمىز، بىر پەس ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن نەرسىلەرنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز. كۆرۈش قابىلىيىتىمىزنىڭ تەدرىجىي ماسلىشىش جەريانى قاراڭغۇغا ماسلىشىش ياكى قاراڭغۇغا كۆنۈكۈش دەپ ئاتىلىدۇ.