Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر.
گۈل قاق، جىگدە - ياڭاق. * شاپتۇل قېقى. * قوغۇن قېقى. * قاق سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاغ - دالىلاردا سۇ يىغىلىپ قالغان كۆلچەك، چايدام.
تاغدا قاق سۈيىدىن ئىككى يۇرتۇم ئىچىۋىدىم، ئەجەب تېتىپ كەتتى . * تارىم بويىدا قاق تولا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قاقماق، قېقىش. 1 . بىرەر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئۇرۇپ كىرگۈزمەك.
مىخ قاقماق. * قوزۇق قاقماق. * قاققان قوزۇقتەك.
2 . چەكمەك، ئاستا ئۇرماق. ئىشىك قاقماق. * دولىسىغا قاقماق. * دۈمبىسىگە قاقماق.
3 . بىرەر نەرسىنى سىلىپ ياكى ئۇرۇپ، چاڭ - توزانلىرىنى چىقىرىۋەتمەك. گىلەم قاقماق. * كىگىز قاقماق.
4 . دەرەختىكى مېۋىنى ئۇرۇپ، سىلىكىپ چۈشۈرمەك. ئۈجمە قاقماق. * ئۈرۈك قاقماق. * ياڭاق قاقماق.
5 . يۇقىرى - تۆۋەن مىدىراتماق. قانات قاقماق، كىرپىك قاقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
دەل، قاپ.
قاق سەھەر. * قاق چۈش ۋاقتى. * قاق بەل. * تاتلىق سۆز قاتتىق تاياقنى قاق بۆلۈر (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
قاغىنىڭ قاقىلىدىغان ئاۋازى.
قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ (ماقال) .
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باھا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مالنىڭ پۇل بىلەن ئالماشتۇرۇلىدىغان قىممىتى.
باھا سىياسىتى. باھانى بازار قويار. ئانىسى ماختىغان قىزنىڭ باھاسى ئاشماس. بازار نەرخى. ئەرزان بىلەن قىممەتنىڭ بازارداچىققان نەرخى بار. قېچىرنىڭ نەخى بىلەن بۆرىنىڭ نېمە كارى. بازار ئىگىلىكى يولغا قويغاندىن كېيىت، مەھسۇلاتلارنىڭ نەرخ - ھاۋاسى بازارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېتىلماس ئاتىنىڭ خۇنى قىممەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆرۈك، شاپتۇل، قوغۇن، ۋە باشقا مېۋىلەرنىڭ قورۇتۇلغىنى.
«قاق»: ئومۇمىي، «گۈلە» كۆپرەك ئۈرۈك قېقىغا قارىتىلىدۇ.
گۈلە -قاق، جىگدە - ياڭاق. خۇۋەينى ئۆرۈكنىڭ گۈلىسى باھنى كۈچەيتىدۇ. بۈگۈرنىڭ ئۆرۈكى تولا، قېقى يوق، ئادىمى جىق، «سېقى» يوق (چاقچاق). كۇچانىڭ گۈلىسى تاتلىق، كەلپىننىڭ گۈلىسى ئەتلىك. ئارمۇت قاتۇتى - ئامۇت قېقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغلار، چۆللەردە ۋە دەريا بويىدا سۇ توختاپ قالغان كۆلچەك.
«چايدام» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئۇسسۇزلۇقتا قاق سۈيى جانغا ئارام بېرىدۇ. تارىم بويىدا داشلارغا تېرىپ قويۇلغان قوغۇن بەكمۇ تاتلىق بولىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تاغلاردا چوڭ تاشلارنىڭ ئويۇلۇپ كۆلچەك بولۇپ قالغان بېرى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاق.
ئەرۈك قاقى _ ئۆرۈك قېقى، گۈلە. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.
2 - 411
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاق ئەت _ قاق گۆش، قاق قىلىنغان گۆش. قۇرۇتۇلغان ھەر قانداق نەرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
2 - 411
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاق، قۇرىغان كۆل.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاقلار قامۇغ كۆلەردى
تاغلار باشى ئىلەردى
ئاژۇن تىنى (بۇ سۆز يازما نۇسخىدا « تەنى» شەكلىدە يېزىلغان بولسىمۇ، بىز ئەرەپچە مەنىسىگە ئاساسەن، « تىنى» دەپ ئالدۇق.) يىلىردى
تۈتۈ چەچەك چەركەشۈر
قاقاسلىقلار پۈتۈنلەي كۆلگە ئايلاندى،
تاغلارنىڭ بېشى (كۆزگە) ئىلىندى،
دۇنيانىڭ تىنىقى ئىلىدى،
تۈرلۈك چېچەكلەر تىزىلدى.
باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: سۇلار كۆپىيىپ، قاقاس ئويمانلىقلار كۆللەرگە ئايلاندى، تاغلارنىڭ چوققىلىرى غۇۋا كۆرۈندى، دۇنيانىڭ تىنىقى ئىلىدى، گۈل - چېچەكلەر كەينى - كەينىدىن سەپ تارتتى.
2 - 411
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاق.
قاق سۇۋ _ قاق سۇ، توختام سۇ.
3 - 212
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل قۇشنىڭ نامى؛ غازنىڭ بىر خىلى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دەل، نەق، توپتوغرا.
قاق سەھەر. قاق چۈش.
ھېچنېمىسى يوق: قاق سەنەم. قاق سەنەم بولۇپ قالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر. مەسىلەن: ئۈرۈك قېقى، شاپتۇل قېقى، ئالما قېقى، قوغۇن قېقى قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاغلاردىكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ ئۇزۇنغىچە سىڭىپ كەتمەيدىغان كۆلچەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قاغا سايرىغاندا چىقىدىغان ئاۋاز.
قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ (ماقال).