Uyghurئاساسىي لۇغەت
قان زەردابى
بىئولوگىيە
قان پلازمىسىدىكى فىبرىنوگېننى چىقىرىۋەتكەندە ئېشىپ قالىدىغان كوللوئىد (يېلىم) سىمان سۇيۇقلۇق. ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ قان زەردابىدىكى تۇز كونىسېنتراتسىيىسى 9.0 پىرسەنتلىك ئاشتۇزى ئېرىتمىسىنىڭ كونسېنتراتسىيىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا 9.0 پىرسەنتلىك ئاشتۇزى ئېرىتمىسى <فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بەلگىلىك پەرققە ئىگە. مەسىلەن، چوشقىنىڭ 9.0 پىرسەنت، توخۇنىڭ 1.025 پىرسەنت، تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ 7.0 پىرسەنت بولىدۇ. نورمال ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ قان زەردابىدىكى ھەرخىل تەركىبلەر مىقدارىنىڭ بەلگىلىك دائىرىسى بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئاستىدا روشەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. مېدىتسىنا ۋە مال دوختۇرلۇقىدا قان زەردابىدىكى مەلۇم تەركىبلەرنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەش ياكى كۆپ خىل سېرولوگىيىلىك تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا ياردەملەشتۈرگىلى بولىدۇ. تەركىبىدە ئانتىتېلا بولغان قان زەردابىنى (ئانتىسېۋوروتكىنى) كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش، كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.